باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن: پېنسىنىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى دۈشمەن دەپ قاراش سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ

2017.08.21 14:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پېنسىنىڭ قىسمەن لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدىن چاۋشيەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى دۈشمەن دەپ قاراش سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق.

  چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا چاۋشيەن بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنى چاۋشيەن بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە زورلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىشى ئەمەس. ئامېرىكا ئاسىيا ، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلاردىن چاۋشيەن بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

  بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇستەقىل، تىنچ ۋە دوستانە قاراشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر