باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

31 ئۆلكىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسى چىقتى

2017.08.21 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شياڭگاڭ ئاۋمىندىن باشقا جايلار) ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىنى چىقاردى، تەڭشەلگەندىن كېيىن شىزاڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان كىشىلەرنىڭ ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى 3مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتىدۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلار ئەڭ ئارقىدا.

  بۇ يىل 4-ئايدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2017-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسى كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى تەڭشەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەخمىنەن %5.5 ئۆستۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، نۆۋەتتە تەڭشەش لايىھەسىنى چىقارغان رايونلار ئومۇمەن نورمىلىق تەڭشەش، چېتىپ تەڭشەش بىلەن مۇۋاپىق ياردەم بېرىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تەڭشەش چارىسىنى قوللاندى.

  ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىزاڭ 2016-2017-يىللىق ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما شىزاڭدا 2015-يىلى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 3678 يۈەنگە يەتكەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن 2016-يىلى %6.5 ئۆستۈرۈش ، 2017-يىلى %5.5 ئۆستۈرۈش نىسبىتىگە ئاساسلانغاندا 2017-يىلى شىزاڭدا كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 4132.5 يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى ئەڭ يۇقىرى رايون بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر