باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەندە پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرگۈچىلەر كۆپىيىشكە باشلىدى

2017.08.21 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  49 ياشقا كىرگەن ئەخمەتتوختى قۇرباننىياز كۆكتات پارنىكىغا قارىغىنىچە ئوخشاش بىر پارنىكتا كۆكتات تېرىساق، نېمە سەۋەبتىن ئۇستام 5 مىڭ يۈەنگە، مەن 3 مىڭ يۈەنگە ساتىمەن دەپ چوڭقۇر ئويلاندى.

  خوتەن شەھەر رايونىغا ئۈچ كىلومېتىر كىلىدىغان تۆۋەن ئارال كەنتى تىپىك شەھەر بىلەن يېزىنىڭ تۇتاشما رايونى بولۇپ، كۆچمە نوپۇس كۆپ. ئەخمەت توختىنىڭ ئۇستازى گاۋ فېڭتاۋ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ كۆكتات تېرىغان شەندوڭلۇق دېھقان، شۇنداقلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىن باشلامچى بولۇپ بازار تەپەككۇرىنى يېزىلارغا ئېلىپ كىرگەن كىشى.

  سورت تاللاش، مايسا يېتىشتۈرۈش، شاگىرت يىتەكلەشكىچە قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا كەنتتىكى ئون نەچچە ئائىلە ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقاندىن كۆكتات تېرىغۇچىلارغا ئايلاندى. تۆۋەن ئارال كەنتىنىڭ سۆكەلدۆڭ كۆكتاتلىقى، يابۇلاق كۆكتاتلىقى تەدرىجىي كۆلەملەشتى. ھەر يىلى كۈز، قىش، ئەتىيازدا قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى كۆكتات سودىگەرلىرى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، بىر قېتىمدىلا مىڭ توننىغا يېقىن كۆكتات سودىسى قىلىدۇ.

  سىرتتىن كەلگەن ئۇستاملار يەرلىكتە شاگىرت تەربىيەلەشتە تىل ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىدە ئەڭ قىينىلىدۇ. گاۋفېڭتاۋ مۇنداق دېدى: كۆكتاتلارنى ئىلمىي تېرىش باسقۇچىغا كىرىپ، مايسا ئېتىزلىرىنى باشقۇرۇش، كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىدىن قوغدىنىش كەسپىي مەسىلە. ئوخشاش تۇپراق، ئوخشاش كۆكتات تۈرىدە شاگىرت ئۇستازىدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ.

  بۇ يىل 2-ئايدا تۆۋەن ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنتنىڭ ئىككى كومىتېتى كەنت دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويۇش پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت تىلى كەچلىك كۇرسى ۋە كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلەش كۇرسىنى زور كۆلەمدە تەشكىللىدى ھەمدە سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنى لىكسىيە سۆزلەش، زامانىۋى مەدەنىيەت ھەققىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى ئابدۇسەمەت مېڭىمىزنى بېيىتساق ھەمىيىنىمىزنى ئۇزۇن مەزگىل پۇل بىلەن تولدۇرالايمىز دېدى.

  كۆكتات تېرىقچىلىقىدىن باشقا ئەخمەتتوختىنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش بولدى. ئۇ مۇخبىرغا راۋان بولمىغان خەنزۇچە تىلدا گاۋفېڭتاۋ بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاتا بالا ئىككىمىز 19 كۆكتات پارنىكىنى كۆتۈرىگە ئالدۇق، بۇنى ئۇستامنىڭ كۆكتات پارنىكىغا سىلىشتۇرغاندا تۆت پارنىك كۆپ.

  ئەخمەتتوختى ئاتا بالا ئىككىسى مۇچ ، پېدىگەن مايسىلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەندە قىش پەسلىنىڭ كىلىشىنى كۈتمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر