باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىلىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 34 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى

2017.08.21 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ شىنروڭ 20- ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نەق مەيداندا كۆرەك قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ 2 ـ قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، 2014-يىلىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا ھەر خىل يېزا ئىگىلىك مەبلىغىدىن جەمئىي 34 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى.

  يۈ شىنرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2014-يىلىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا ھەرخىل يېزا ئىگىلىك مەبلىغىدىن 34 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ياردەمگە ئېرىشكەن رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تۈر قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى يولغا قويۇش تۈرى 69غا يەتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدا 12 مىڭ 700 ھەر خىل پارنىك- لاپاس يېڭىدىن قۇرۇلدى، 500دىن ئارتۇق كونا پارنىك، چوڭ لاپاس ئۆزگەرتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر