باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ساقلىقنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىش كېرەك

2017.08.18 11:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ تەقدىرلەش يىغىنى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت-سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ كەلدى. پۈتكۈل مەملىكەتتىكى سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جامائەت ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، جاپالىق خىزمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ھاياتلىقنى ئاسراش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا داۋا قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، مېھرى- مۇھەببەتلىك بولۇش»تەك ئالىيجاناب روھنى يېتىلدۈردى. يولداشلارنىڭ داۋاملىق تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، تېببىي تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ، دوختۇرلۇق ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، خەلق تېخىمۇ رازى سەھىيە ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ساقلىقنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش- سەھىيە تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر