- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىنلاندىيە ساقچى دائىرىلىرى يەنە 4 گۇماندارنى قولغا ئالدى
2017.08.21 14:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىنلاندىيە ساقچى دائىرىلىرى 19-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: 18-ئاۋغۇست تۇركۇدا بىر پىچاقلىق قاتىل قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، يەنە 4 گۇماندار قولغا ئېلىندى، باشقا بىرسى قېچىپ يۈرمەكتە.
19-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا فىنلاندىيە دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: پىچاقلىق قاتىل 18 ياشلىق ماراكەشلىك كىشى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى فىنلاندىيەگە بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن، ھازىر مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشمىگەن. باشقا بەش گۇماندار بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ۋەقەگە قاتناشقان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماراكەشلىك پۇقرا، ساقچى دائىرىلىرى بۇلارنىڭ 4نى قولغا ئالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر