باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ھەربىي تېببىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى سېررالېئوننىڭ ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلىشىگە ياردەم بەردى

2017.08.21 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سېررالېئوننىڭ پايتەختى فرېئېتون شەھىرى ھەمدە ئەتراپىدىكى رايونلاردا 14-ئاۋغۇست سەھەردە قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقتىن كەلكۈن ۋە لاتقا شېغىل ئېقىنى يۈز بېرىپ، زور ئۆلۈم يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى. 2-تۈركۈمدىكى جۇڭگونىڭ سىرالىئونغا ياردەم بېرىش ھەربىي تېببىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تېزدىن ئىنكاس بىلدۈرۈپ، سېررالېئوننىڭ ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلىشىگە ياردەم بەردى.

  17- ۋە 18-ئاۋغۇست مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ 14 ئەزاسى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا بەزگەك، تولغاققا قارىشى دورىلار، تۈرلۈك ئانتىبىيوتىك ھەمدە قىزىشنى داۋالايدىغان دورا قاتارلىقلاردىن 100 قاپتىن ئارتۇقنى، يېمەكلىك، بوتۇلكىلىق سۇ، ھاشارات يوقىتىش دورىسى قاتارلىقلار تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىدىن 30 ساندۇقتىن كۆپرەكىنى ھەدىيە قىلدى.

  سېررالېئون دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشخانىسىدىن كەلگەن سالا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ھەربىي تېببىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دەل ۋاقتىدا بىزگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ياردەملەرنى بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر