باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تور بېكەت مەنبە كودلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈچۈرۋەتكەن يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2017.08.21 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى شۈ ×× خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن شىركەتتىن مائاشىنى ۋاقتىدا ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، تور بېكەتتىكى ئۆزى لايىھەلىگەن بارلىق قىستۇرما ئارقائىشىك ھۆجەتلىرىدىن پايدىلنىپ، تور بېكەت مەنبە كودلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈچۈرۋەتكەن. مۇخبىرنىڭ 20 -ئاۋغۇست بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۈ ×× كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگان بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئەيىبنامىسىدە، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 9 دا شۈ ×× بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر كۆزئەينەك شىركىتى مال سېتىۋېلىش تور بېكىتىنىڭ ئارقا ھۆججەتلىرىنى ئۆزى ئورناتقانلىقىدىن پايدىلنىپ، تور بېكەت مەنبە كودلىرىنى ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى ئىجرا قىلىپ، تور بېكەتنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. باھالاشتا، كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 265 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  شۈ ×× سوتتا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئورۇندىن كەچۈرۈم سورىدى. مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ۋەكالىتەن ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىغا 50 مىڭ يۈەن تۆلەم بەرگەن ھەمدە كېسىم ئەمەلىي ئىجرا قىلىنغان. شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جاڭ ×× شىركەتكە ۋەكالىتەن شۈ ×× نى ئەپۇ قىلدى ھەمدە سوت مەھكىمىسىدىن شۈ ×× كە يېنىكلىتىپ جازا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۈ ×× دۆلەت قانۇنىنى نەزەرگە ئىلماي، يامان نىيەتتە كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ نورمال يۈرۈشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 265 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولغان. جاۋاپكار شۈ ×× دىلو تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، زىياننى تۆلەپ بېرىشتە ئاكتىپ بولغان ھەمدە جىنايىتىگە توۋا قىلىش پوزىتسىيەسى بىر قەدەر ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازاغا ھۆكۈم قىلدى.

  ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى شۈ ×× كە كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بېكىتىپ، بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر