باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق قايتا تەربىيە ئېلىش ھاياتى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2017.08.18 11:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق قايتا تەربىيە ئېلىش ھاياتى» ناملىق كىتاب يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

  1969-يىلى 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 15 يېشىدا شەنشى ئۆلكىسى يەنچۈەن ناھىيەسىنىڭ ۋېنئەنيى گۇڭشېسى لياڭجياخې چوڭ ئەترىتىگە بېرىپ، 1975-يىلى 10-ئايغىچە شۇ جايدا تۇرغان. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە جەمئىي 29 كىشى زىيارەت قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېزىغا قايتا تەربىيە ئېلىشقا چۈشكەن بېيجىڭلىق زىيالىي ياشلار، ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتكەن شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى، يەنە ئۇنىڭ ھەر ساھەدىن بولغان، شۇ يىللاردىكى سىرداش دوستىلىرى بار. زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئۆز كەچۈرمىشلىرى، ھەقىقىي تارىخىي تەپسىلاتلار ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى «جاپادا ئىرادىنى تاۋلاش، قول سېلىپ جاپالىق ئىشلەش، ئاچلىقتا ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، نامراتلىقنىڭ جاپاسىنى تارتىش»تەك تاۋلىنىش تارىخى ھېكايىسىنى ئىنچىكە بايان قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قايتا تەربىيە ئېلىش مەزگىلىدىكى جاپالىق تۇرمۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇ كىتاب زامانىمىزدىكى ياشلارنىڭ توغرا كىشىلىك ھايات قارىشى تۇرغۇزۇشى، ئىگىلمەس ئىرادە بىلەن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشىدىكى جانلىق دەرسلىك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلاش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىدىكى جانلىق ئۈلگە، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشىنىشىدىكى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر