باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو" نامىلىق ئالتە قىسىملىق سىياسىي ئوبزور مەخسۇس فىلىمى جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.08.21 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  "قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو" نامىلىق ئالتە قىسىملىق سىياسىي ئوبزور مەخسۇس فىلىمىدىن ئۈچ قىسىم قويۇلۇپ، جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: مەخسۇس فىلىمدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر تولۇق نامايەن قىلىندى، بۇ كىشىگە ئىلھام بېرىدىكەن، شۇنداقلا داۋاملىق سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

  ئەنخۇي ئۆلكىسى خاۋجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش 1-كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ چۈجۈ ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدە 13 يىل خىزمەت قىلدى، ئۇ مەخسۇس فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەن جۇڭگونىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، زور تۈركۈم تەسىرى چوڭ دېلولارنى سوتلاشنىڭ ئۈنۈمى بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭى پەيدىن-پەي كۈچەيدى، خەلق ئاممىسى مەنپەئەت ماجىرالىرىغا يولۇققاندا قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلىۋالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەرنى ئەكس ئەتتۈردى.

  شيامېن شەھىرى خېشەن مەھەللىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن يىنلىڭ مۇنداق دېدى: مەن فىلىمنى كۆرۈپ ھېس قىلغانلىرىمنى مۇنداق 16 خەتكە يەكۈنلىدىم. ئىلىمىي قانۇن تۈزۈش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئادىل ئەدلىيە يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق رىئايە قىلىش، بۇ ئون ئالتە خەت ئېلىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدىغان يەكەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسى قانۇن چىقىرىشقا تەلپۈنمەكتە، قانۇن يوق ئەمەس، بەلكى ياخشىمۇ ئەمەسمۇ، رولى بارمۇ يوق، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالامدۇ يوق. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلىمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ يولى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسى جېنجياڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىك خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ لې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەنبە ناھايىتى ئاچقۇچلۇق مەسىلە. شۇڭا بىز قانۇن چىقارغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەلققە، پارتىيەگە، جەمئىيەتكە، تارىخقا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك، چۈنكى سىزنىڭ قانۇنىڭىز تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، شۇڭا مەنچە بىز 4كە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەمىز بىلەن بۇ ئىشنى قىلىشىمىز لازىم.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرىدىكى جېڭ شۇيىڭ مۇنداق دېدى: قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باب-باراۋەر، بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزدا، قانۇننى ئىشلىتىشنى، قانۇن ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر