باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، 2- قېتىملىق چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2017.08.21 08:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2- قېتىملىق چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى لىخاسادا باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بارلىق تەتقىقاتچىلارنى، ياش ئوقۇغۇچىلارنى ۋە كاپالەت خادىملىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكى دۇنيانىڭ ئۆگزىسى، ئاسىيانىڭ سۇ مۇنارى، يەر شارىنىڭ ئۈچىنچى قۇتۇپى، مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلارنى زاپاس ساقلاش بازىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم قوغدىلىنىدىغان جايى. بۇ قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ مۇھىت ئۆزگىرىش مېخانىزمىنى نامايان قىلىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى، دۇنيا ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ تەكشۈرۈش تەتقىقاتىغا قاتناشقان بارلىق پەن تەتقىقات مۇتەخەسسىسلىرى، ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە كاپالەتلەندۈرۈش خادىملىرىنىڭ پېشقەدەم ئالىملارنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش، باتۇرلارچە يۇقىرىغا ئۆرلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققىتىنى سۇ، ئېكولوگىيە، ئىنسانلار پائالىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكى بايلىق مۇھىتىنىڭ قۇربى، ئاپەت، خەۋپ- خەتەر، يېشىل تەرەققىيات يولى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنيادىكى ئاخىرقى بىر كىۋادرات پاك زېمىننى ساقلاپ قېلىپ، گۈزەل چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكى قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇپ، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ بەختىيار ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتۈپ، 2- قېتىملىق چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  2- قېتىملىق چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكى تەتقىقات ئورنى باش بولۇپ ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى سۇ، ئېكولوگىيە، ئىنسانلار پائالىيىتى قاتارلىق مۇھىت مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىپ، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى ئىقتىدارىنى قوغداش ۋە ئۈچىنچى قۇتۇپ دۆلەت باغچىسى قۇرۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەملىكىتىمىزدە تۇنجى قېتىملىق چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتى 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا باشلانغان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 20 نەچچە يىل ۋاقىتتا زور مىقداردىكى ئىلىم- پەن ماتېرىيالى توپلىنىپ، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراشنى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر