باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە چوڭ سايلىمىدا مېركىلنىڭ يېڭىش ئېھتىماللىقى چوڭ، «قارا ئاققۇ»نىڭ ئۇچۇشى تەس

2017.08.21 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيەدە 9-ئاينىڭ 24-كۈنى فېدېراتسىيە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل چىرايىنى غەلىتە قىلغان بىر پارچە رەسىم ھازىر گېرمانىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كەڭ تارقالماقتا. سۈرەتتىكى «سايلام رىقابىتىدە بارلىق پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسى پۇل خەجلەپ ئېلان بەرسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە يەنىلا مېركىلنىڭ بولۇدۇ» دېگەن بۇ بىر ئابزاس سۆز نۆۋەتتىكى سايلام ئەھۋالىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسى ياخشى، مۇساپىرلارنىڭ سەلدەك كىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس تەدرىجىي يوقالماقتا، كۈچلۈك رىقابەتچىسى بولمىغان مېركىلنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەپ، گېرمانىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى «دائىم ياپيېشىل تۇرىدىغان دەرەخ» بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.

  خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مېركىل 2005-يىل 11-ئايدا گېرمانىيەنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭلىسى بولغاندىن بۇيان، 2009–يىلى ۋە 2013-يىلى ئىككى قېتىم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىدى. ئەگەر مېركىل بۇ يىل كۈزدە 3- قېتىم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تۆت يىلدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كول بىلەن تەڭلىشىپ، فېدېراتىپ گېرمانىيە تارىخىدىكى ئۇدا 16 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىككىنچى كىشى بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر