خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىزنىڭ مەشھۇر خاتىرە فوتوگرافى قۇربانجان سەمەت ئەسەرلىرى ئالماشتۇرۇش يىغىنى يېقىندا نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلدى. قۇربانجان سەمەت ئېلىمىزدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر فوتوگراف. ئۇ، 2007- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان «گۈزەل خوتەن»، «قەشقەردىكى كونا چايخانا»، «قەشقەر بازىرى قىسمىتى» ۋە «لەمپە ئاستىدىكى روزا ھېيت بايرىمى» قاتارلىق فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ يەنە «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ چىقىرىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەلدىكى خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
يېقىندا، قۇربانجان نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن خۇسۇسىي ئەسەرلەرنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىكى تونۇشتۇرۇش سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىر ياخشى جاي، بىراق، ھەممىلا ئادەم شىنجاڭغا بېرىپ باققان ئەمەس. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈشى ئۈچۈن، ھەمدە كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆپچىلىككە ئالايىتەن ئېلىپ كەلدىم. ئۇ تونۇشتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېدى: مەزكۇر ئەسەر دۇنياغا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە خېلى كۆپ ئورۇندا شىنجاڭ ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. نۆۋەتتە، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن فىلىمنىڭ كومپانىئون قىسىمى «مەن شىنجاڭغا بارىمەن»دېگەن فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.بۇ فىلىمدە، ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەنلىكى، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
جۇڭگونىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇلى دۇڭ خەيرۇڭ نەق مەيدانغا بېرىپ تەبرىك سۆزلەپ، مۇنداق دېدى: قۇربانجاننىڭ بۇ قېتىم نىيۇيوركقا كېلىپ، شىنجاڭ مەنزىرىسى ئەسەرلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ ناھايىتى گۈزەل ھەم سىرلىق بىر جاي. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟ قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟ قۇربانجاننىڭ ئەسەرلىرى بۇ سوئاللارغا مۇكەممەل ھالدا جاۋاب بەردى. بۈگۈن ئۇنىڭ تېلېكامېرا ئارقىلىق بۇ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەك خۇشال بولدۇم، كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى تولدۇردى. پۇرسەت بولسا، كۆپچىلىكنىڭ چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈشىنى، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نىيۇيورك جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ما يۆ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ بولسا سېھرىي كۈچى چەكسىز بىر جاي. شۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. قۇربانجاننىڭ ئەسەرلىرى چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلارغا بىر ھەقىقىي شىنجاڭنى، بىر گۈزەل ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى كۆرسەتتى. كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىشكە ھەقلىقكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى نۇرغۇن تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى