سۈرەتتە: تايلاندنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خوڭتوڭ شەھىرىدىكى «ماشىنا ئادەملەر ئائىلىسى»دىكى بىر كۆرگەزمە بۇيۇمى (8- ئاينىڭ 17- كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2000-يىلى قۇرۇلغان «ماشىنا ئادەملەر ئائىلىسى» تايلاندنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خوڭتوڭ شەھىرىدە بولۇپ، بۇ دۇكان تاشلىۋېتىلگەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئارقىلىق «كېرەكسىز تۆمۈر سەنئەت بۇيۇملىرى» ياساش بىلەن تايلاندتا داڭقى بار. قارىماققا ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى يوق تۆمۈر-تەسەكلەر ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولىدا قايتىدىن يىڭى ھاياتقا ئىرىشىپ، بىر نەپىس سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى