باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ 20-قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

ۋۇ دۇنيى رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى

2017.08.21 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ 20- قۇرۇلتىيى 20-ئاۋغۇست تەيجۇڭ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى پارتىيەنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلانغان ۋۇ دۇنيى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

  ۋۇ دۇنيى تەبرىك سۆزى قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە گومىنداڭ «92-يىللىق ئورتاق تونۇش» ئاساسىدا، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا يەنىلا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە كەڭ قورساق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز- ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىق ئارزۇسىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ بەختىنى قوغدايدۇ.

  يىغىندا جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ يېڭى سىياسەت پىروگراممىسى ماقۇللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلاردا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: گومىنداڭ پارتىيەسى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، 2005-يىلى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان «ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئورتاق ئارزۇسى» ۋە ما يىڭجيۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكى ئاساسىي فاڭجېنغا ئاساسەن، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يىغىندا، ۋۇ دۇنيىنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، زېڭ يۇڭچۈەن، خاۋ لوڭبىن قاتارلىق ئىككى كىشىنىڭ جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى ماقۇللاندى. ليەن جەن، ۋۇ بوشيۇڭ، ما يىڭجيۇ، جۇ لىلۇن، خۇڭ شيۇجۇ قاتارلىقلار ۋە جۇڭگو گومىنداڭنىڭ 2000 دىن ئارتۇق يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر