باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى» تېمىسىدىكى ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىۋىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.08.17 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ۋەتىنىمىزنىڭ ياشلىرى غايىلىك، ئىنتىلىشچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈزلۈكسىز ياشلىق كۈچىگە ئېرىشىدۇ......» ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئاۋغۇست 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو «ئالاقە تورى +» ئىستۇدېنتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى «ياشلارنىڭ ئىنقىلابىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى»گە قاتناشقان ئىستۇدېنتلارغا جاۋاب خەت يازدى، بۇ ياشلار ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  كۆپچىللىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليۇرۇقى بىلەن تاپشۇرىقىغا ئاساسەن، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ياشلىقىمىزنى بېغىشلايمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك ھايات يولىمىزدا، ئىنقىلاۋى ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىي پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ئەۋجى ئالدۇرۇپ، يەنئەن روھىنى ئۆگىنىپ، غايە-ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئىرادە ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىمىزنى تاۋلاپ، جۇشقۇن ياشلىق ئارزۇيىمىزنى ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈپ، سان-ساناقسىز خەلق جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن قانات يايدۇرىۋاتقان ئۇلۇغ كۆرەش داۋامىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياشلىقىمىز ئارقىلىق مۇشۇ دەۋرگە، تارىخقا مۇناسىپ رەڭدار سەھىپىلەرنى ئاچىمىز.

  جۇڭگو زىمىنىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت ئەھۋالى ۋە خەلق ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى بەس-بەستە ئوقىۋاتقان سىتۇدېنىتلار تولىمۇ ھاياجانلاندى. ئۇلار مۇنداق دېدى: چوقۇم پېشقەدەم ئىنقىلاپچىلاردىن ئۆگىنىپ، جۇڭگو زىمىنىغا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت ۋە خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قەدىمىمىزنى پۇختا بېسىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. «باش شۇجى بىزگە جاۋاب خېتى يېزىپتۇ!» بۇ كوللېكتىپنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ بىرى بولغان، شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2010-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، «ھوسۇلغا تولغا زامان» تۈرى كوللېكتىۋىنىڭ مەسئۇلى جاڭ ۋاڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانىدى. ئۇ: «لياڭجياخېنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، كۆپ تەربىيىگە ئىگە بولدۇق، نۇرغۇن ئىلھامغا ئېرىشتۇق، بىز ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. بىز يەنئەن روھىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، بىلىم، ماھارەت ئارقىلىق كونا ئىنقىلاۋى رايونلاردىكى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، < ئالاقە تورى +ئېلېكترونلۇق سودا> ئارقىلىق كونا ئىنقىلاۋى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يادەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئەمەلىي نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر