خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىشتاب باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دۇنفورد ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رايون ۋە دۇنيادا مۇھىم تەسىرى بار چوڭ دۆلەت، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن مەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. ئامېرىكا تەرەققىي قىلسا، جۇڭگوغا پايدىسى بار؛ جۇڭگو تەرەققىي قىلسا، ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققىيات يولىدا بەزىدە ئوڭۇشسىزلىققا ۋە بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئىشتىن كىيىن ياخشىلىنىپ تۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىي ۋە دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ، قويۇق ئالاقە باغلاپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم مۇقىملاشتۇرغۇچى ئامىلى بولۇشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ھەر قايسى قاتلامدىكى ئالاقە، سۆھبەتنى كۈچەيتىش، ھەربىي ئىشلاردا ئۆزئارا ئىشىنىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىم يەنە «جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە باش ئىشتابلىرى سۆھبەت مېخانىزمى رامكا ھۆججىتى»نى ئىمزالىدى. بۇلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ماسلىشىپ، ھازىرقى ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋە سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاكتىپ كۈچ توپلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا قارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى