باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2017.08.21 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 9- ئايدا ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەردە دەرىجە بويىچە ھەق ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ. يېقىندا،ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىش باھاسىنى قېلىپلاشتۇردى.

  مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى ئۈچۈن ھەق ئېلىش جەھەتتە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەردە(چوڭ سىنىپى ۋە ئوتتۇرا سىنىپى)بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى ئۈچۈندەرىجە بويىچە ھەق ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ. 1- دەرىجىلىك يەسلىلەردە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر ئايدا 600 يۈەن ئېلىنىدۇ، 2- دەرىجىلىك يەسلىلەردەھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر ئايدا 450 يۈەن ئېلىنىدۇ، 3 - دەرىجىلىك يەسلىلەردە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر ئايدا 400 يۈەن ئېلىنىدۇ .

  مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان پۇقراۋى يەسلىلەردە، بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى ئۈچۈن دەرىجە بويىچە ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇش، ھەمدە دەرىجە بويىچە ئەڭ يۇقىرى باھا چېكى بەلگىلەش ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، 1- دەرىجىلىك يەسلىلەردە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر ئايدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000 يۈەن ئېلىنىدۇ، 2 - دەرىجىلىك يەسلىلەردە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر ئايدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 800 يۈەن ئېلىنىدۇ، 3 - دەرىجىلىك يەسلىلەردا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر ئايدا 600 يۈەن ئېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر