باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باشلىقى، سوتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

2017.08.18 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خاڭجۇ شەھەرلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنى 16-ئاۋغۇست ئېچىلدى، يىغىندا خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، سوتچىلىرى تەيىنلەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: دۇ چيەن __ خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، سوتچىلىقىغا تەيىنلەندى؛ جاڭ خەۋ، ۋاڭ جياڭچياۋ __ خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، سوتچىلىقىغا تەيىنلەندى؛ پەن شياۋ، شا لى، خۇاڭ شىن __ خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىقىغا تەيىنلەندى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، 2017-يىلى 5-ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا تور سوت مەھكىمىسىنىڭ تورغا چېتىلىدىغان بىرقانچە خىل تىپىك دېلولىرىنى خاڭجۇ تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مەركەزلەشكەن، كەسىپلەشكەن قاراپ چىقىشنى سىناق قىلىپ، خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىشى ئۈچۈن سوت قىلىش تەجرىبىلىرىنى توپلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر