باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش . ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش

مەملىكىتىمىزنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى زورايدى، ساپاسى ياخشىلاندى، قۇرۇلمىسى سەرخىللەشتى

دۆلىتىمىزگە قۇدىرەتلىك ئەقلىي تىرەكلەر توپلانماقتا

2017.08.21 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىلىم-ئىقتىدار مۇۋەپپەقىيەتكە ئاپىرىدۇ، ئىشلىرىڭ روناق تاپىدۇ». ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى بايلىق ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش ماھىيەتتە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قوزغىتىشتۇر. كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىرى قوشۇنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىدىكى غول قوشۇن بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم تېرەكلىك رول ئوينايدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلار جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت سىياسىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى شۇنىڭدەك جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئېتىبار بېرىشى ئارقىسىدا، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 73 مىليون 281 مىڭ كىشىگە يېتىپ، 2010-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 17 مىليون 780 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، %32 ئاشتى. ئالىي، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ نىسبىتى 53: 36: 11 بولۇپ، قوشۇننىڭ كۆلىمى ئۆزلۈكسىز زورىيىپ، ئومۇمىي ساپاسى ئۆزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى ئۆزلۈكسىز سەرخىللىشىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلىش رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.

  كۆپ يىل مابەينىدە، دۆلىتىمىزدە بىر تەرەپتىن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى كۆپ بولۇپ كەلدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىلىق كەمچىل بولۇشتەك گەۋدىلىك زىددىيەت پەيدا بولدى، بولۇپمۇ چوڭ-چوڭ پەن تەتقىقات تۈرى، چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش، نۇقتىلىق پەن قاتارلىق ساھەلەردە قابىل باشلامچى ئىختىساسلىقلار ناھايىتى كەمچىل بولدى.

  دۆلىتىمىز بۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئالاھىدە ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خادىملاردىن 15 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن تاللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ياش، ياش ئىلىم-تېخنىكا باشلامچىلىرىنى تاشللاش-تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك «يۈز، مىڭ، تۈمەن» ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 10 يىلدا 4 مىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ تەربىيىلەشنى پىلانلىدى، ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نامزاتىدىن 1200 نەچچىسىنى تاللاپ چىقتى، «تۈمەن ئىختساسلىقلار پىلانى» ماسلاشتۇرۇپ، «يۈز، مىڭ، تۈمەن» قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىدىن 192 نى تاللاپ چىقىشقا مەدەت بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: جاھاندىكى قابىللارنى توپلاپ ئىشلىتىش كېرەك. بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزسەك، بەزىدە بىر كارخانىنى جانلاندۇرالايمىز، ھەتتا بىر كەسپنى راۋاجلاندۇرالايمىز.

  شىناڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر