باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى «لۈشىن» كۆمۈرچىلىكى تاغ سىيرىلىش ھادىسىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

بۇ كان قاتلاممۇ-قاتلام ھۆددىگە بېرىلىپ، ھادىسىنى پىلانلىق، تەشكىللىك يوشۇرغان

2017.08.21 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «جىننېڭ» گۇرۇھىنىڭ سەنشى كۆمۈر توشۇش-سېتىش گۇرۇھى خېشۈن «لۈشىن» كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىدە 8-ئاينىڭ 11-كۈنى يانتۇ تاغ گەۋدىسى سىيرىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بۇ كاننىڭ ھادىسىنى قەستەن يوشۇرغانلىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ھازىر سەككىز كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، بىر كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاندى، سەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەشكىللەپ، ھادىسىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى يەنىمۇ تەكشۈرمەكتە.

  بۇ كان دۆلەت پاي كونتروللۇقىدىكى گۇۋاھنامىلىرى تولۇق ئۈستى ئوچۇق كان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يىلدا 2 مىليون توننا ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. دەسلەپكى تەھلىلگە قارىغاندا، بۇ ھادىسىدە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر ئاشكارىلانغان: بىرىنچى، «لۈشىن» كۆمۈرچىلىك شىركىتى يانتۇلۇققا چاك كەتكەن، ئۆرۈلۈپ كېتىش ئالامىتى بار بولغان ئەھۋالدا، خادىملار ۋە ئۈسكۈنىلەرنى چېكىندۈرمەي، خەۋپ-خەتەرگە قارىماي داۋاملىق قېزىپ، يانتۇلۇقنىڭ سىيرىلىپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككىنچى، «لۈشىن» كۆمۈرچىلىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى قاتلاممۇ-قاتلام ھۆددىگە بېرىپ، ھۆددىگەرلىكنى باشقۇرۇشنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ھەر بىر قېزىش رايونى (مەشغۇلات رايونى)نىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ھۆددىگەر مەسئۇل بولغان. ئۈچىنچى، «جىننېڭ» گۇرۇھى «لۈشىن» كۆمۈرچىلىكىنى قايتا تەشكىللەپ قوشۇۋالغاندىن كېيىن، پەقەت كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى بويىچە بەلگىلىك باشقۇرۇش خىراجىتى ئالغان، «ھەقىقىي قاتنىشىش، ھەقىقىي پاي كونترول قىلىش، ھەقىقىي باشقۇرۇش»نى قىلالمىغان. تۆتىنچى، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، «لۈشىن» كۆمۈرچىلىكى ھادىسىنى مەقسەتلىك، پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا يوشۇرغان. بەشىنچى، خېشۈن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پاش قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئالمىغان ئەھۋالدا، ئۆلۈش-يارىلىنىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر