- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىلى ئوبلاستى 5500 مىللىلېتىر جىددىي ئىشلىتىدىغان قان مەھسۇلاتلىرىنى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىپ بەردى
2017.08.18 16:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، قان جىددىي لازىم بولدى! ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مەركىزىي قان پونكىتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مەركىزىي قان پونكىتىنىڭ قان ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماس تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، ئازادلىق ئارمىيە 11-دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىپ، كوللېكتىپ قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاقىتلىق قان ئېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە قانغا زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىك ئۇچۇرىنى تارقاتتى. بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا، ئىلىدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما تەقدىم قىلغان، چوڭقۇر ئىنسانىي مېھىر سىڭدۈرۈلگەن 5500 مىللىلېتىر جىددىي لازىملىق قان مەھسۇلاتلىرى جىڭ ناھىيەسىدىكى ئاپەت رايونىغا بىخەتەر يەتكۈزۈلدى.
قان تەقدىم قىلىش ئاپتوموبىلىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئىلى ئوبلاستلىق مەركىزىي قان پونكىتى قان ئامبىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ فېڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا قان تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەتىسى يەنە قان ئېلىش نۇقتىسىدا پەيدا بولۇپ نورمال خىزمەت قىلدى، ئۇ پەقەت ئىلى ئوبلاستىدىكى نۇرغۇن ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ بىر كارتىنىسى، خالاس. ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ قانغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇنۇپ قان تەقدىم قىلدى. پۈتۈن جەمئىيەت سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ياردەم قىلغان كۆرۈنۈش ئىلىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا ئەكس ئەتتى.
جىڭ ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستلىق مەركىزىي قان پونكىتى جىددىي ھالدا 3-دەرىجىلىك جىددى ئىنكاسقا ئۆتۈپ، خادىم رېئاگېنت، ئۈسكۈنە، ئارقا سەپ تەمىناتى كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن جىددىي ئەھۋال تەييارلىقىنى قىلدى. «شاڭخەي شەھەرچىسى» مەيدانىنى ۋاقىتلىق قان ئېلىش نۇقتىسى قىلىپ كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ھەر كۈنلۈك قان بېرىش ۋاقتىنى سائەت 23گىچە ئۇزارتتى؛ يېڭى تاراتقۇ قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتكە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىدىغان پىدائىيلارنى چاقىردى؛ تەشكىللىگۈچى خادىملار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، قان مەھسۇلاتىنى ئىشلىدى؛ بېكىتىلگەن شوپۇرلار ۋە قان يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى 24 سائەت نۆۋەتچى بولۇپ بۇيرۇق كۈتۈپ، قۇتقۇزۇش ئىلتىماسى بولسىلا ھەرىكەتكە كېلىشكە ھەر ۋاقىت كاپالەتلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر