باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاچا- سىڭىللار ئىتتىپاقلىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلايلى

«شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ باشلىقى گۈلباھار ناسىر

2017.08.18 16:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ئايال رەھبىرىي كادىر. كىچىك چاغلىرىمدا كۆپ مىللەتتىن تەشكىل تاپقان چوڭ قورۇدا ئولتۇراتتۇق، مەن ھەر مىللەت بالىلار بىلەن خۇشال ئوينايتتىم، ئارىمىزدا مىللەت ئايرىمىسى يوق ئىدى. ھەر يىلى قۇربان ھېيتتا خەنزۇ قوشنىلىرىمىز ۋە دوستلىرىم ئۆيىمىزگە ھېيتلاپ كىرەتتى، بىز بىللە ساڭزا ۋە گۆش يەيتتۇق. چاغاندا مەنمۇ خەنزۇ قوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىرەتتىم، ئۇلار يانچۇقۇمغا سېلىپ قويغان كەمپۈت، گازىر ۋە يەر ياڭىقى مېنىڭ چاغاندا ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى سوۋغىتىم ھېسابلىناتتى. ئادەتتە، خەنزۇ قوشنىلىرىمىز ئاپامدىن پولۇ ئېتىشنى، شورپا قاينىتىشنى ئۆگەنسە، ئاپام ئۇلاردىن بېلىق پىشۇرۇش ۋە ئاچچىق- چۈچۈك پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قورۇشنى ئۆگىنەتتى. كېيىن بىر قانچە قوشنىمىز كۆچۈپ كەتتى، لېكىن بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ھېيت- بايراملاردا تېلېفونلىشىپ، سالاملىرىمىزنى يوللىشىپ تۇردۇق! خەنزۇ دوستلىرىم ئاقسۇغا كەلگەندە ئۆيىمىزگە كېلىپ بىزنى يوقلاپ ئۆتەتتى، شۇ چاغلاردا بىز بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلىشەتتۇق.

  مېنىڭچە، شىنجاڭدا بىزنىڭلا ئەمەس، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ مۇشۇنداق ھېكايىسى بار.

  مەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل قىلمىشىدىن تولىمۇ نەپرەتلىنىمەن، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئىناق، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مۇقىم جەمئىيىتىمىزگە زور زىيان سالدى؛ ئۇلار «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، ئاق كۆڭۈل ئاممىنى ئالدىدى، ھەتتا قىسمەن كىشىلەرنى جىنايەت يولىغا باشلىدى؛ ئۇلار ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىغا، بىلىم ئېلىشىغا، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، سەبىي بالىلىرىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، جىنايەت پاتقىقىغا سۆرەپ كىردى؛ ئۇلار قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بىگۇناھ ئاممىنى ياشاش ھوقۇقى، ئادىمىيلىك ۋە ئىززەت- ئابرۇيىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاق، ئاق كۆڭۈل ئوبرازىغا داغ تەگكۈزدى، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مۇناپىق، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بۇ يىل 3- ئاينىڭ 2- كۈنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاچا- سىڭىللارغا تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، ئاياللارنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئايرىپ، زوراۋان، تېررورچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

  «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاياللارنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ئانا ئائىلىنىڭ يادروسى. ئانىلار مېھىر- مۇھەببىتى ئارقىلىق ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ تەدرىجىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان جەريان. شۇڭا «ئائىلە»دىن ئىبارەت بۇ ھۈجەيرىدە كېسەللىك كۆرۈلسە، جەمئىيەتتە مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

  قىسمەن ياشلار يېقىندىن بۇيان «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتى، بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار، لېكىن بىر ئورتاقلىق شۇكى، ئۇلار ياخشى تەربىيە ئالمىغان، ئۇلاردا توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى شەكىللەنمىگەن، شۇڭا ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئاسانلا ئالدىنىپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئانىلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە چوقۇم ئاكتىپ رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز، ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  مەن ئايال مۇھەررىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چەت، يىراق يېزىلاردىكى ئانىلارنىڭ كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشىنى، كۆپلەپ بىلىم ئېلىشىنى، تاشقى دۇنياغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، بەختىيار تۇرمۇشنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش تەربىيەسى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىتتىپاق، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ھەر مىللەت ئاياللار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاياللارنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر