باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى قىبلىتاغ تەۋەلىك رايونى 1- رايونىدىكى ئۇزاقتىن بۇيان قالايمىقان تاشلانغان ئەخلەت تازىلاندى

2017.08.18 16:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن يۇڭ 8- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى قىبلىتاغ تەۋەلىك رايونى قىبلىتاغ غەربىي يولى شىمالىي 3- كوچىنىڭ شىمالىدىكى 0.5 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە ئەخلەت ئاپتوموبىللىرىغا قوماندانلىق قىلغاچ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەخسۇس بېجىرىلىدىغان ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قىبلىتاغ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىغا دەرھال قايتما ئىنكاس قىلدۇق ھەم ئالاقىدار تارماقلارنى تۈزەشكە تېزدىن تەشكىللىدۇق. بۈگۈن سائەت سەككىزدە ئالاقىدار تارماقلار نەق مەيدانغا كېلىپ، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلىدى، بۈگۈن كەچ سائەت نۆلدىن بۇرۇن بارلىق ئەخلەتنى تولۇق تازىلاپ، ئاھالىلەرگە پاكىز، ئازادە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز.

  بىز نەق مەيداندا سايباغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سايباغ رايونلۇق شەھەر مەمۇرىيىتى- شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ نەق مەيداندا ئىش بېجىرىۋاتقانلىقىنى، تەخمىنەن 0.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى شەخسلەر سېلىۋالغان بىرنەچچە يۈرۈش ئۆي، شېغىل- بېتون پارچىلىرى، تۇرمۇش ئەخلىتىنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. 20دىن ئارتۇق مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى بۇ ئەخلەتلەرنى تازىلىدى، بىر قېزىش ماشىنىسى شېغىللارنى بىر يەرگە يىغىپ بەردى، ئون نەچچە ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى سائەت 15كىچە 30 توننىدىن ئارتۇق ئەخلەتنى توشۇپ بولدى.

  قىبلىتاغ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىجۈەن مۇنداق دېدى: بۇ، كەلگۈسىدىكى پىلانغا كىرگۈزۈلگەن رايون، ئۇنىڭ ئۈستىگە، شەخسلەر سېلىۋالغان ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىدا ئەخلەت تۆكۈش ئەسلىھەسى قويۇلمىغاچقا، بۇ رايوننىڭ ئەخلەت مەسىلىسى ئىزچىل ھەل قىلىنماي كەلگەنىدى. بۇلتۇر 8- ئاينىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن بۇ رايوندىكى ئەخلەتنى ئۈزۈلدۈرمەي تازىلىدۇق، بىراق، تەۋەلىك رايونىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېچىسى باشقۇرۇش كەمچىل بولغاچقا، قالايمىقان ئەخلەت تۆكۈش ئەھۋالى ھېلىھەم مەۋجۇت. مەخسۇس بېجىرىلىدىغان ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رايونلۇق پارتكوم، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىن رەتلەپ، پائال تازىلاپ- توشۇپ، ئاۋۋال ئاممىغا پاكىز تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى قارار قىلدى.

  بىز بۇ رايونغا يېرىم توننا ئەخلەت سىغىدىغان ئىككى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ قويۇلغانلىقىنى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەخلەتنى مۇشۇ ئەخلەت ساندۇقىغا تۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

  ئەخلەت توشۇش خىزمىتى نۇرغۇن ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شەھەر ئاھالىسى راخمان ئايۇپ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يەردە كەچ كىرىشى بىلەنلا ئەخلەت تۆككىلى كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، شامال چىققان كۈنلىرى يالتىراقلار ھەممىلا يەردە ئۇچۇپ يۈرەتتى، يازدا ئەخلەت بەكلا پۇراپ كېتەتتى، ھازىر پاكىز تازىلاندى، ئەخلەت ساندۇقىمۇ قويۇلدى، بۇنىڭدىن ھەممىمىز بەك خۇش بولدۇق!

  ۋاڭ لىجۈەن مۇنداق دېدى: ئەخلەتنى تېزدىن توشۇش، ئەخلەت ساندۇقى قويۇشتىن سىرت، يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىغا مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ مەدەنىيلىك ئېڭىنى كۈچەيتىمىز. يەنە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىنى كۈچەيتىپ، دائىملىق مېخانىزم ئورنىتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر