باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول پويىز يۈرۈش خەرىتىسى 9-ئايدا تەڭشىلىدۇ

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ سودا تىرانسپورت سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز بولىدۇ

«سەككىز بويلىما يۆنۈلۈش، سەككىز توغرا يۆنۈلۈش» تۆمۈر يول ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، ناھىيە ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىنىدۇ

2017.08.21 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يولدا 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى پويىز يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلۇپ، قىسمەن لىنىيەلەردە يولۇچى، يۈك پويىزلىرى كۆپەيتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەتتە جۈپ «گۈللەنمە» ناملىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى بېيجىڭ-شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا 350 كىلومېتىر/سائەت تېزلىكتە يۈرۈپ، بېيجىڭ-شاڭخەي ئارىسىدىكى قاتناش مۇساپىسىنى تۆت يېرىم سائەت ئەتراپىدا مېڭىپ بولۇشنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تىرانسپورت لىنىيەسى تېز ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. ئېلىمىز ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «تۆت بويلىما يۆنۈلۈش، تۆت توغرا يۆنۈلۈش»لۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ناھىيەنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىغان «سەككىز بويلىما يۆنۈلۈش، سەككىز توغرا يۆنۈلۈش»لۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىنى بەرپا قىلماقتا. 9-ئايدا يۈرۈش لىنىيەسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئېلىمىز دۇنيا بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت بولۇپلا قالماي، دۇنيادىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول سودا تىرانسپورت سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر