باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆي ئىجارىگە بېرىش يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

«سېتىۋالغۇچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچى تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش» تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئايلاندى

2017.08.21 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىسقىغىنا ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، جېڭجۇ، بېيجىڭ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلار ئارقا-ئارقىدىن ئىجارە تۇرالغۇسى ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، «سېتىۋالغۇچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچى تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش» يېڭى يۆنىلىشكە ئايلاندى، ئۆي-زېمىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىجارە تۇرالغۇسى دەۋرى يېتىپ كەلدى.

  جايلارنىڭ ئىجارە ئۆي يېڭى سىياسىتى «سېتىۋالغۇچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچى تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش»قا قارىتىلدى.

  «ئۆي ئىجارىگە بېرىش ۋە سېتىش باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاشكارا پىكىر ئالغاندىن باشلاپ، 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە تۇرالغۇ ۋە شەھەر -يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز مىنىستىرلىق-كومىتېت ھۆججەت چىقىرىپ، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىن تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە شېنجېن، گۇاڭجۇ، نەنجىڭ قاتارلىق 12 شەھەردە تۇنجى تۈركۈمدە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. تۇنجى بولۇپ يېڭى سىياسەت ئېلان قىلغان گۇاڭجۇ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرگۈزۈش قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، سېتىۋالغۇچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» مەملىكەت مىقياسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

  بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ نوپۇسىدىكىلەرنىڭ جامائەت ئىجارە تۇرالغۇسى ۋە بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئالسا، ئەنگە ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن نوپۇس تىزىملاش ۋە يۆتكەش رەسمىيىتى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بېيجىڭ نوپۇسىدىكى ئۆيى يوق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى مۇناسىپ شەرتلەرنى قاندۇرسا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئوقۇسا بولىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئۆتكۈزگەن «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» سۆھبەت يىغىنىدا، بېيجىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى چېن جى مۇنداق دېدى: بېيجىڭنىڭ لايىھەسى گۇاڭجۇنىڭكىگە ئوخشاش «سېتىۋالغۇچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچى تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش»نى ئاساسلىق تەشۋىقات نۇقتىسى قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭنىڭ لايىھەسى گۇاڭجۇنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. بېيجىڭنىڭ لايىھەسى ھەر قايسى تەرەپتىن «سېتىۋالغۇچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچى تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش»نى ئىسلاھات يۆنىلىشى قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى، لېكىن بۇنىڭغا بىر جەريان كېتىدۇ، بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.

  نەنجىڭ 8-ئاينىڭ 18-كۈنى «نەنجىڭ شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ ئىجارىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجارىگە ئالغۇچىلارنىڭ يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئوخشاش ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىدىغان سىياسەت-تەبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ئىجارىگە ئالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق تىزىملىكىنى ئورنىتىپ، سېتىۋالغۇچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇشىنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، جېڭجۇ، بېيجىڭ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۇرالغۇ ئىجارىسىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر 7-، 8-ئايدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. قىسقىغىنا ئىككى ئايدا، جۇڭگونىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇپ، «سېتىۋالغۇچى بىلەن ئىجارىگە ئالغۇچى تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇش» يېڭى يۆنىلىشكە ئايلىنىپ، ئۆي-زېمىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىجارە تۇرالغۇسى دەۋرى يېتىپ كەلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر