باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش «شەبنەم» پىلانى يولغا قويۇلدى

بەش يىلدا 3624 ئىختىساسلىق خادىم يېتىشتۈرۈلۈپ چىقىلىدۇ

2017.08.18 16:45   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش «شەبنەم» پىلانى يولغا قويۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش «شەبنەم» پىلانى رەسمىي يولغا قويۇلدى، پىلاندا 2022-يىلىغىچە، سۈپەت باشقۇرۇش مۇتەخەسسىس تىپىدىكى ئىختىساسلىقلاردىن 197سى، ئاساسىي ئۇل تىپىدىكى ئىختىساسلىقلاردىن 3247سى يېتىشتۈرۈلۈپ چىقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، سۈپەت پىدائىيلىرى 3074تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ.

  سۈپەت باشقۇرۇش ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش «شەبنەم» پىلانى ئومۇمەن سۈپەت باشقۇرۇش بىلىملىرى تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساس قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنىپ، نەتىجىلەرنى ئالماشتۇرۇش، باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنىڭ تېخنىكا تەلىپىگە ۋە كەسپىي ئىش تەقسىماتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، تەربىيەلەش تۈرلىرىنى ئىلمىي بېكىتىپ، كارخانىلارغا كەسىپلەشكەن ھەم ئىختىساسلاشقان سۈپەت باشقۇرۇش ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، سۈپەت باشقۇرۇش ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش «شەبنەم» پىلانى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان مۇتەخەسسىس تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار ۋە ئۇل تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار ھەر قايسى كارخانىلاردىن تاللاپ چىقىلىدىكەن. سۈپەت پىدائىيلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشىدە، ئاساسلىقى ئىستېمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئىتى كۈنى، سۈپەت ئېيى قاتارلىق پائالىيەتلەر پۇرسەت دەپ قارىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى سۈپەت پىدائىيسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنىپ، ئاۋامغا سۈپەتلىك تۇرمۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئاۋامنىڭ سۈپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…
    ·ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ