باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىدىكى چارۋىچىلىق رايونىغا «يوشۇرۇنغان» تاش- شېغىل كولاش مەيدانى ئىشتىن توختىتىلدى

2017.08.18 16:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۇڭچياڭ 8- ئاينىڭ 16- كۈنى مۇنداق دېدى: بۇ تاش- شېغىل كولاش مەيدانى تاغ ئارىسىدىكى چارۋىچىلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشىغا قىيىنچىلىق كەلتۈرگەنىدى. بۇ قېتىم بىرنەچچە تارماقنىڭ بىرلىكتە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، تاش- شېغىل كولاش مەيدانىنى نازارەت قىلىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدۇق، مۇھىت ئاسراش بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت ۋە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بۇ تاش- شېغىل كولاش مەيدانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئوغرىلىقچە ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. داۋانچىڭ رايونى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تاش- شېغىل كولاش مەيدانىنىڭ قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدى.

  ئورتۇ چارۋىچىلىق فېرمىسىغا جايلاشقان چىجياگۇ قۇرۇلۇش تاش ماتېرىياللىرى كېنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي يۆنىلىشىگە توغرا كېلىدۇ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى بىلەن قوشنا، شەھەر رايونى بىلەن بولغان تۈز ئارىلىقى 30 كىلومېتىر.

  ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، قېزىلما بايلىقنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماقتىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتىنى باشلاپ 8- ئاينىڭ 16- كۈنى تاش- شېغىل كولاش مەيدانىغا كېلىپ نەق مەيداننى تەكشۈردى.

  مەن شۇ كۈنى سائەت 17دە نەق مەيدانغا كېلىپ، كۆلىمى ئون نەچچە مو كېلىدىغان تاغ جىلغىسىدىكى ئون نەچچە تاش دۆۋىسىنى كۆردۈم، مەيداندىكى ئۈسكۈنىلەر ئىشتىن توختىتىلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈنلەي توختاپتۇ. ئىشچىلار بوراننىڭ چاڭ- توزان ئۇچۇرۇپ مۇھىتنى بۇلغىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاش دۆۋىسىنى چاڭ- توزاندىن ساقلىنىدىغان يېشىل تور بىلەن يېپىۋېتىپتۇ.

  داۋانچىڭ رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گو چياڭ مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى قەرەللىك كېچىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنى بايقىدۇق. قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتى كارخانىغا ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى بۇيرىدى، شۇنداقلا بۇ كارخانىغا «قانۇنسىز قىلمىشنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش قارارنامىسى» چۈشۈردى ھەم دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشتىن توختاتتى، ئىشچىلارنى تارقىتىۋەتتى ھەم تاش- شېغىل دۆۋىسىگە چاڭ- توزاندىن ساقلىنىش تورى ياپتى. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە ئالاقىدار ھېچقانداق ئالامەتنى كۆرمىدۇق، چاڭ- توزاننىڭ بۇلغىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ كارخانىدىن تاش- شېغىل كولاش مەيدانىنىڭ چاڭ- توزاندىن ساقلىنىش تورىنى قايتا پۇختىلاشنى تەلەپ قىلدۇق.

  ۋاڭ يۇڭچياڭ مۇنداق دېدى: چىجياگۇ بىلەن تېرەكساي داۋانچىڭ رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن رايون، ھۆكۈمەت تاش- شېغىل كولاش مەيدانلىرىنى تەدرىجىي تۈزەش تەدبىرى قوللىنىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن، مۇددىتى توشقان تاش- شېغىل كولاش مەيدانىنى قايتۇرىۋالدى. بىز گۈزەل تاغ، زۇمرەتتەك كۆللىرىمىزنى ياخشى قوغداپ، چارۋىچىلارنى رازى قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر