باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى: شاڭخەي – شياڭگاڭ – ئاۋمېن - تەيۋەن رەسىملەر توپلىمى كۆرگەزمىسى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2017.08.18 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى يارىتايلى — شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ۋە شاڭخەي – شياڭگاڭ – ئاۋمېن - تەيۋەن رەسىملەر توپلىمى كۆرگەزمىسى» 17-ئاۋغۇست شياڭگاڭدا باشلاندى، ئادەم، تاغ-دەريا، گۈل-گىياھ قاتارلىقلار تېما قىلىنغان 60 نەچچە پارچە رەسىم كۆرگەزمە قىلىندى ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى شاڭخەي شەھەرلىك تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، شياڭگاڭ ھازىرقى زامان سىياھ سىزما رەسىم جەمئىيىتى، ئاۋمېن مەدەنىيەت-سەنئەت ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شاڭخەي، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەننىڭ سەنئەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، سەنئەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرگەزمىدە شاڭخەي، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىن كەلگەن 24 سەنئەتكار ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 69 پارچە ئەسەرنى سۇندى. ئەسەرلەر ئادەملەر، تاغ-دەريا، گۈل-گىياھ قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇب شەكلى، تېما مەزمۇنى ۋە ئىجادىيەت شەكلى ئارقىلىق سەنئەتنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئىنتىلىشى نامايان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان نۇرغۇن نادىر ئەسەر بار.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 8-ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر