باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىنى ھەممە ئائىلىگە ئېلىپ كىرەيلى

2017.08.18 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى) يېقىندا، ئاقسۇ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومتېتىدىن ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى ئۇپۇرباش كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان جىددىي پەيتتە ئۆزىنى ئۆزى قوغداپ قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى تەشۋىقات مەركىزىدىن گۈزەلنۇر مامۇتنى كەنتكە كېلىپ مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  گۈزەلنۇر خانىم ئوت كېتىشتىن ئىلگىرىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلىملىرى، ئوت كەتكەندە قېچىپ قۇتۇلۇش بىلىملىرى، ئوت ئۆچۈرگۈچنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى ئىنتايىن تەپسىلىي سۆزلەپ چۈشەندۈردى ھەمدە تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلماي يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى سۆزلەپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشتا ھەرقانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشىنى تەكىتلىدى. ئاخىرىدا نەق مەيدان ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دېھقانلارنى ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر