باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مەركەزلىك ھالدا كېچىلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى

2017.08.18 11:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: ياز ۋە كۈز پەسلىدىكى يول قاتناش بەلگىلىمىسى ۋە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە قاتتىق باشقۇرۇشتىكى بىر تۇتاش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك ھالدا كېچىلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ھەرىكەت خېيىم-خەتىرى چوڭ بولغان ئاپتوموبىللارنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، يېزىلاردىكى مىنىبۇسلارنىڭ بەلگىلەنگەن ساندىن ئېشىپ كېتىشى، تاشيوللاردىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ۋە ساياھەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا سەھەر سائەتتە 2دىن 5كىچە بولغان ئارىلىقتا قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاتنايدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشى، بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ ساختا نومۇر تاختىسى ئىشلىتىشى دېگەندەك قانۇنغا خىلاپ بەش خىل نۇقتىلىق قىلمىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ۋە باشقۇرىدىكەن، بولۇپمۇ كېچىلەردە قانۇنغا ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە ئاسانلا قەبىھ ۋەقە يۈز بېرىدىغان بۇ يوشۇرۇن بالا-قازالارغا قارىتا، ساقچى كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يۆتكەپ ئىشلىتىپ كېچىلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  تولۇقسىز ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 8- ئايدا تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ھالدىكى كېچىلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا، جايلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا سەھەر سائەت 2دىن 5كىچە بولغان ئارىلىقتا قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەلگەن 40 يولۇچى ئاپتوموبىلىنى قولغا چۈشۈرگەن؛ 8- ئايدا يەنە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن قىلمىشلاردىن 4925ى، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشىدەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردىن 4184ى بىر تەرەپ قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر