باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روھانىي ئامېرىكا ئەگەر ئىراننى يەنە جازالىسا، ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، دېدى

2017.08.16 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي 15- ئاۋغۇست تېھراندا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا داۋاملىق ئىراننى جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويسا، ئىران ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن.

  روھانىي شۇ كۈنى ئىران پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازاسىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى، شۇڭا سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەگەر ئۇلار ۋاقتى ئۆتكەن تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويسا، ئىران تېز سۈرئەتتە يادرو مەسىلىسى كېلىشىمدىن ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتىش ئىقتىدارى بار.

  2015-يىلى 7-ئايدا، ئىران بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسى بۇيىچە ئالتە دۆلەت ( ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ) ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىغان بولۇپ، ئىران خەلقئارالىق جازانىڭ بىكار قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. لېكىن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى باھانە قىلىپ، ئىراننى جازالاشنىڭ تەدبىرلىرىنى كۆپەيتكەن. بولۇپمۇ ئىران يادرو كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان پۇل مۇئامىلە جازاسىنى بىكار قىلمىغاچقا، ئىرانغا مەبلەغ سېلىش مەقسىتى بار نۇرغۇن غەرب شىركەتلىرى ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدى. بۇ، ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىران ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر