باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تاۋاپ قىلىشنى توختاتمىغان ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟

2017.08.16 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلاپ، دۇنيا فاشىسىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلدى. 15-ئاۋغۇستقا قانداق يۈزلىنىش ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا تارىخقا توغرا مۇئامىلىدە بولۇش-بولماسلىقنىڭ سىناق تېشىغا ئايلاندى. بىراق 72 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ يەنە بىر قېتىم ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق A دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ئارزۇلاپ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر-چىراغ ھەققى تەقدىم قىلىشى ئابې شىنزونىڭ ئۇدا بەش يىل ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان كۈنىنى ئەگرى يول بىلەن خاتىرىلەپ، مىلىتارىزم ئۈچۈن ئەرۋاھ چاقىرىشى ھېسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئابې شىنزو شۇ كۈنى توكيودا ئۆتكۈزگەن ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا، ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە زىياكەشلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۇدا بەشىنچى قېتىم تىلغا ئالمىدى.

  چوقۇنغۇچىلارنىڭ قورسىقىدا جىن بار! ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىدا ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ جاۋابكارلىرى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى A دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى بولۇپ، مەيلى قانداق شەكىلدە چوقۇنسۇن، ھەممىسى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا ئىنتېرناتسىيونالىزمغا قىلىنغان ئىغۋاگەرلىك، ھەممىسى تىنچلىققا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك. پۈتۈن دۇنيادىكى تىچنلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەر بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  بۇ يىل «لۇگۇچياۋ ۋەقەسى» ۋە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 80 يىللىقى. 80 يىل بۇرۇن، ياپونىيە «لۇگۇچياۋ ۋەقەسى» نى قەستەن پەيدا قىلىپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى قوزغاپ، جۇڭگو خەلقىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى. شۇ يىلى 12-ئايدا، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى نەنجىڭغا ۋەھشىيانە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلىپ، 300 مىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈردى. ياپونىيە مىلىتارىزم ئۆتكۈزگەن چېكىدىن ئاشقان جىنايىتىنى يوشۇرالمايدۇ، تارىخىي چىنلىقنى بۇرمىلاشقا بولمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر