باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراماي شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى «مەملىكەتلىك ساغلام شەھەر» قۇرۇپ چىقماقچى

2017.08.16 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن قاراماي شەھىرىنىڭ ساغلام شەھەر بەرپا قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە ساغلام شەھەر بەرپا قىلىش شەھەر مۇنبىرىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، قاراماي شەھىرى ياشاشقا ۋە خىزمەت قىلىشقا باپ كېلىدىغان، جەمئىيىتى ئىناق، كىشىلەر ساغلام، مۇلازىمىتى ئەلا، ھاياتىي كۈچكە ئىگە ساغلام شەھەرلەر ئۈلگىسى بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ساغلام شەھەرگە ئايلىنىدىكەن.

  ساغلام شەھەر بولسا پاكىز شەھەرنىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىسى. 2016-يىلى 11-ئايدا، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسى مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر (رايون)دىن 38نى «مەملىكەتلىك ساغلام شەھەر قۇرۇلۇشى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتا شەھىرى» دائىرىسىگە كىرگۈزدى، قاراماي شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىردىنبىر «تۇنجى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتا شەھەر» قاتارىغا كىرگەن شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر