خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى 8- ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى قاچىلانغان «بۈركۈت - 9» ناملىق راكېتا ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە قويۇپ بېرىلگەن. ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى 14-ئاۋغۇست فىلورىدا ئىشتاتىدا قويۇپ بېرىلىپ، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا قاراپ ئۇچقان. بۇ، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم «ئەجدىھا» ناملىق يىپيېڭى بىرىنچى ئەۋلاد ئالەم كېمىسىنى ئىشلىتىپ يۈك توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى ئالەم كېمىسى قويۇپ بەرگەن «بۈركۈت - 9» ناملىق راكېتا يەنە بىر قېتىم غەلىبىلىك قايتۇرۇپ كېلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى