خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى 35 جايدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 11 جايدىكىسى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى، 24 جايدىكىسى ئەرزان قولايلىق ئۆي ئىكەن.
شۇ كۈنى مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى، شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئاساسلىقى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى شەرقىي تاغ يولى، مىچۈەن-كۆكتاغ چوڭ يولى، سايباغ رايونى قىزىل بۇتخانا (خۇڭمياۋزى) يولى، مۇھىت جەنۇبى يولى، بۇلاقتاغ رايونى مىسكارلىق يولى (چىداۋۋەن)، باغكۆردى يولى (گۇەنيۇەنلۇ)، ئايئۆتكەل (باداۋۋەن) قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئەرزان قولايلىق ئۆي ئاساسلىقى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى مىچۈەن-كۆكتاغ ئوتتۇرا يولى، كونا ئۇلاغ (گۇمۇدى) بازىرى، سايباغ رايونى تۆشۈكتام (ساڭفاڭگۇ) ئوتتۇرا يولى، شوركۆل يولى (چيەنتاڭجاڭلۇ)، بۇلاقتاغ رايونى مىسكارلىق (چىداۋۋەن) يولى، يېكەنكۆل (نەنخۇ) شىمالىي يولى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئەرزان قولايلىق ئۆي 60 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 2110 يۈەندىن 3200 يۈەنگىچە بولىدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىپ پۈتۈشى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە شەھەر ئاھالىلىرى تەمىنلىنىدىغان ئۆي مەنبەسى ئىنتايىن تولۇق بولۇپ، «كۆپ نۇقتا، كەڭ تەرەپ» بولۇشتەك ھالەت شەكىللەندۈرۈلگەن.
بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆينى چەك تارتىپ تەقسىم قىلىش ئۇسۇلى تەڭشەلگەن، خۇددى چەك تارتىپ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى تاللىغانغا ئوخشاش، ئەرزان قولايلىق ئۆي تاللاشتا «كومپيۇتېردا ئۆز ئالدىغا تاسقاپ ئۆي تاللاش ئەندىزىسى» قوللىنىلىپ، ھەر بىر ئائىلىلىك ئىككى قېتىم «بەش ئۆينىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاش» پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن، يەنى 10 ئۆيدىن بىرنى تاللىغانغا باراۋەر ئىكەن.
ئۆي تاللاش ۋاقىت چېكى ئىچىدە ئۆي تاللىمىغان ياكى كومپيۇتېرنىڭ تاللاش نەتىجىسىدىن رازى بولمىغان كىشىلەر تاللىماي نەق مەيداندىن ئايرىلسا بولىدىكەن، بۇ كېيىنكى قېتىملىق تاللاشقا تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن. ناۋادا ئۆينى كومپيۇتېردا تاللاپ ئىمزا قويۇپ، سېتىۋالغانلىق ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاز كەچسە، بۇ بىر قېتىملىق ئەمەلىي ۋاز كېچىش دەپ قارىلىدىكەن، ئەگەردە ئۈچ قېتىم مۇشۇنداق قىلسا، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى