باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلار مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.08.01 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋېي جىنلياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلار مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى تۈرلۈك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئۆزۈمدە تېخىمۇ زور ئىشەنچ پەيدا بولدى.»

  31-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى كادىرلار چوڭ يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋىلىش» مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى. ئورگاندىكى بارلىق كادىرلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، بەس-بەس بىلەن تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى.

  ۋېي جىنلياڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى پارتىيەمىزنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ۋە ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى يېتەكچى فاڭجېن. بىز بىر مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ، ئۇنى خىزمىتىمىزدىكى باش قوللانما قىلىپ، مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخ بىزگە تاپشۇرغان ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر