باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى بەش يىلدا بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى

2017.08.15 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىگە تايىنىپ «تېرىلغۇ يەرنى سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، چارۋىچىلىق يېرىنى سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش» ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇردى. بەش يىلدا ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمى ئەسلىدىكى 90 مىڭ مو دىن ھازىرقى 170 مىڭ موغا كېڭەيدى.

  ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى دۇنيا پەسىل قۇشلىرىنىڭ 3-نومۇرلۇق كۆچۈش لىنىيەسىدىكى مۇھىم ياشاش ماكانى ھېسابلىنىدۇ، ھەر يىلى دېگۈدەك مىليونلىغان پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە دەم ئالغاندىن كېيىن، يەنە جەنۇبقا ياكى شىمالغا ئۇچۇپ كېتىدۇ.

  سۇلۇق يەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، 2008-يىلىدىن بۇيان، ماناس ناھىيەسىدە «تېرىلغۇ يەرنى سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، چارۋىچىلىق يېرىنى سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش» خىزمىتى يولغا قويۇلۇپ، ھەر يىلى ئاستا-ئاستا سۇلۇق يەرنى قوغداش دائىرىسىدىكى ئىجارە بېرىلگەن تېرىلغۇ يەرلەر قايتۇرۇۋېلىنىپ، ھەر يىلى ھەر موسىغا 500 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىلدى. نەق پۇل تولۇقلىما بېرىلگەندىن باشقا، ناھىيەگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىشنى خالايدىغان كۆچۈش دائىرىسىدىكى يېزا، كەنت ئاھالىلىرىگە ناھىيە ئىچىدىن بىر يۈرۈش ئەمىن ئۆيى بېرىلىپ، دېھقانلارنى «تېرىلغۇ يەرنى سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش»قا رىغبەتلەندۈرۈلدى. سۇلۇق يەر باغچىسىغا يەنە ئەتراپتىكى يېزا، كەنت ئاھالىسىدىن ئون نەچچە كىشى قوغداش خادىمىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار سۇلۇق يەر باغچىسىدا كۈندىلىك قاراش ۋە قوغداش خىزمىتىنى قىلغاندىن باشقا، يەنە ئەتراپتىكى دېھقان-چارۋىچىلار ۋە باغچىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ باردى.

  بىر يۈرۈش قوغداش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، باغچىدىكى ياۋايى ھايۋانلار 331 خىلغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى يەتتە خىلدىن، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى 40 نەچچە خىلدىن، سۇلۇق يەر ئۆسۈملۈكلىرى 200 خىلدىن ئېشىپ، شىنجاڭ سۇلۇق يەر ئۆسۈملۈكلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %45.3 ىنى ئىگىلىدى. 2016-يىلى 8-ئايدا، ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى (سىناق نۇقتىسى) دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، رەسمىي ھالدا دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر