- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش ئەھۋالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ياخشى بولدى
ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش چوڭقۇرلاشتى
2017.08.15 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 14-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا، مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشقان، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان، ئۈچ سانلىق مەلۇماتنى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا ئازراق تۆۋەنلىگەن، لېكىن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ياخشى بولغان. 2017-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئەھۋالىدا باشلىنىشى مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز روشەنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما تەڭشەش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، تەمىنلەش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
سانائەتنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلاندى. 7-ئايدا، مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش ئايدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئىنتى تېز بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.1 ۋە %10.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەملىك سانائەتتىن 5.7 ۋە 4.3 پىرسەنت پوئىنتى تېز بولۇپ، سانائەتنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش قەدىمى تېز بولماقتا.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر