باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فىلىپپىننىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرتكە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2017.08.09 10:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فىلىپپىننىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرتكە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. تېلېگراممىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزنى ھەم سىز ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ ھەم ئورتاق گەۋدە قۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش تەرەققىياتىدىكى ۋەكىللىك كۈچ بولۇپ قالدى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى 1991-يىلى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات باش تېمىسىدا چىڭ تۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش ھەمراھلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئەڭ مول مەزمۇنلۇق مۇناسىۋەت بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، 2018-يىلى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشقان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئۇنى ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۈلگىسى قىلىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر