باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بىپايان يايلاقتا قاناتلانغان گۈزەل ئارزۇ

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2017.08.10 09:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپكۆك ئاسماندا لەيلەپ يۈرەر بۇلۇتلار،

  پايانسىز يايلاقتا يايلاپ يۈرەر پادىلار.

  يايلاق ئەڭ گۈزەل تۈسكە كىرگەن پەسىلدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەنتەنىلىك كۈتۈۋالدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، يايلاققا مۇھەببەت باغلاپ، ئومۇمىيلىقنى مەۋقە قىلغان ھالدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايون ئۈچۈن ئېنىق ھەرىكەت پىروگراممىسى تۈزۈپ بېرىپ، تۈگىمەس تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن تەمىنلىدى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىرلىشىپ قوغدىنىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى كۈنسېرى يۈكسەلدۈردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تېخىمۇ گۈزەللەشتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلاندى...

  ئېلىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىنى بىرلىكتە قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىش

  − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  تومۇزدىكى كۆكخوتتا قۇياشنىڭ تەپتى كۈچلۈك ئىدى.

  كوچىلارغا ئېسىلغان «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلار ۋە رەڭلىك بايراقلار خۇشاللىقتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

  بۇ بىر شەرەپلىك تارىخ: 1947- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ توپ- زەمبىرەك ساداسى ئىچىدە ئىچكى موڭغۇل خەلقى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە رايونىنى قۇردى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋەتىنىمىزنىڭ دەل شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىچكى جەھەتتە سەككىز ئۆلكە بىلەن تۇتىشىدۇ، تاشقى جەھەتتە رۇسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا 55 مىللەت ياشايدىغان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. پايانسىز موڭغۇل ئېگىزلىكى 70 يىللىق ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىلگىرىكى قاقاس، چۆلدەرەپ تۇرىدىغان يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتتىن، ھازىرقى ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان زامانىۋى شەھەرلەر بەرپا قىلىنغان ئېگىزلىككە ئايلاندى، ياپيېشىل يايلاقلاردا قوي- كالىلار توپ- توپ بولۇپ يايلاپ يۈرىدىغان تۈجۈپىلىك چارۋىچىلىق رايونلىرى قۇرۇلۇپ، گۈللەنگەن ئاۋات مەنزىرە شەكىللەندى.

  بۇ گۈزەل، پايانسىز زېمىننى باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىلى چاغاننىڭ ھارپىسىدا زىمىستان سوغۇققا، قار- شىۋىرغانغا قارىماي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، قىشلىق نادام پائالىيىتىگە قاتناشتى، كارخانا، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ھال سورىدى، پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، ئۈچ ئايماق، شەھەرگە بېرىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خاس ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شارائىتى ۋە تارىخىي تەرەققىيات يولىنى مەۋقە قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى توغرىسىدا ئېنىق ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بەردى:

  − «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىرلىشىپ قوغدىنىپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»؛

  − ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى «ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى»، «ئېلىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بىخەتەر، مۇقىم توسۇق» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛

  − «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» كېرەك.

  «بىرلىشىپ قوغدىنىش، يىراققا نەزەر تاشلاش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى.

  «مۇداپىئەلىنىش − ئۆي- ماكاننى ئوبدان ساقلاش، ۋەتەن چېگراسىنى قوغداش، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گۈزەل مەنىۋى ماكانىنى قوغداشنى كۆرسىتىدۇ، نەزەر سېلىش − ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىشلارنى پىلانلاپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، شۇ جايدىن، تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسىدىن ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن ھالقىغان كەڭ دائىرىدىكى دۇنيا قاراش، ئومۇمىيەت ئېڭى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش − ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىناق ئۆتۈشتەك ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت خەلق زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى بىرلىكتە قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  شىمالىي چېگرادىكى 1 مىليون 180 نەچچە مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بىپايان زېمىن شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، شۇنداقلا بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت قېرىنداشلار مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان مۇنبەت تۇپراق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە بۇ مۇنبەت تۇپراق ھەم گۈزەل ئېكولوگىيەسىنى ساقلىشى، ھەم بەختلىك يۇرت- ماكانغا ئايلىنىشى كېرەك.

  «ھەر مىللەت خەلق قەلبداش، قول تۇتۇشۇشتەك ياخشى ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىق- تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى ئىلىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بىخەتەر، مۇقىم توسۇق قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك»، «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتىغىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، يەنە شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگىمۇ تاقىلىدۇ، شۇڭا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى تىرىشىپ ئىلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك بىخەتەر توسۇق قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىمالىي جۇڭگو، غەربىي شىمال، شەرقىي شىمال رايونىنى بويلاپ جايلاشقان، تاشقى جەھەتتە رۇسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ، چېگرا بويلىرىنى ئېچىۋېتىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك خاس ئەۋزەللىككە ئىگە، شۇنداقلا ئۇ يەنە ئېلىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى».

  باش شۇجى مۇشۇنداق مۇھىم ئورۇنغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى: «ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پورتنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رۇسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

  ئېلىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىنى بويلاپ ماڭساق، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 4200 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسى رۇسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىمالدىكى خولۇنبېر چوڭ يايلىقىدىن غەربىي شىمالدىكى چوڭ قۇملۇق ئاراشان ئايمىقىغىچە، 18 پورت مەرۋايىتتەك جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى پورتلارنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى ۋە چېگرادىن كىرىپ- چىققۇچىلارنىڭ قېتىم سانى چېگرا بويى ئېچىۋېتىلگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئاشتى، شىمالدىكى مەنجۇۋلى پورتى ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپاغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى ئەڭ كۆپ پورت بولۇپ قالدى.

  ئۈچ ئېنىق تەلەپ ۋە ئورۇننى بەلگىلەش ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ قوللانمىسىدۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاساستا ئىچكى موڭغۇلغا ئېنىق ئومۇمىي تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىپ: «ئېلىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ مەنزىرىلىك رايوننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك»، دېدى.

  70 يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جەسۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان يەنە بىر بەش يىل باشلاندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىپايان يايلاقنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن- ئاخىر كۆڭۈل بۆلدى، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق يولداشلارمۇ چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىچكى موڭغۇلنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زور ئۈمىد باغلىدى، ئىچكى موڭغۇلدىكى كادىرلار، ئاممىنى خەلقنى بېيىتىپ، رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

  تۇتقا تۇتۇلغاچقا، باشقا ئىشلارمۇ يۈرۈشۈپ كەتتى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى: سانائەت قۇرۇلمىسى «كۆمۈرچىلىك زور سالماقنى ئىگىلەش»تىن كۆپ مەنبەلىشىشنى تىرەك قىلىشقا ئۆزگەردى، ساياھەتچىلىكنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %20تىن يۇقىرى بولدى، 2013- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە ئىقتىساد يىلىغا ئوتتۇرىچە %7.9 ئاشتى؛ بازارلىشىش نىسبىتى %60 تىن ئاشتى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتوموبىل قاتنىغان تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 190 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى؛ 1 مىليون 410 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %14.7 تىن %4.1 كە چۈشتى؛ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلاش نىسبىتى %98 تىن ئاشتى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكى قەرز جەدۋىلىنى تۈزۈش قاتارلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئاۋۋال يولغا قويۇلۇپ، ئاۋۋال سىناق قىلىندى؛ مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يەنە يېڭى سەھىپە يارىتىلدى...

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار بەش يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىپايان يايلاقنىڭ كەلگۈسىدىكى ئومۇمىي تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  ۋاسىتە ئۆزگەرتىلىپ، نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلگەچكە، تۇرمۇش تېخىمۇ ياخشىلاندى

  − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

  ئىچكى موڭغۇلدا كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بايلىقلارنى ئېچىشقا ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىش، قۇرۇلمىسى بىر خىللا بولۇشتەك مەسىلىلەر گەۋدىلىك. ئىچكى موڭغۇلدا «كۆمۈرچىلىك زور سالماقنى ئىگىلەش»نىڭ ۋەكىلى دەپ نام ئالغان ئېردوستا كۆمۈرچىلىككە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ نىسبىتى بىر مەزگىل%60 كە يېقىنلاشقانىدى.

  «ئەۋزەللىكنى ئاساس قىلىپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىللىكتىن ساقلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلىدىغان، كۆپ قۇتۇپ تىرەك بولىدىغان زامانىۋى كەسىپلەرنى پائال بەرپا قىلىپ، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، رايونلار ماسلىشىدىغان، شەھەر- يېزىلار بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىل 1- ئاينىڭ 28- كۈنى ئىچكى موڭغۇلنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش «تومۇرىنى تۇتۇپ»لا قالماستىن، يەنە ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بايلىق تىپىدىكى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېنېرگىيەنى تېجەش- بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئالاھىدە «رېتسېپ» يېزىپ بەردى.

  ئىچكى موڭغۇل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بەشنى بىرلەشتۈرۈش» توغرىسىدىكى ئېنىق يوليورۇقى بويىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى، 2016- يىلى كۆمۈرنىڭ سانائەتتە ئىگىلىگەن سالمىقى بەش يىلدىن بۇرۇنقى %34تىن %22كە چۈشتى، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بەش يىلدىن ئىلگىرىكىدىن 4.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ كەسىپلەر تېز توپلاندى، 2016- يىلى سانائەت تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1 تىرىليون 710 مىليارد يۈەن بولۇپ، سانائەتكە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %68كە يەتتى؛ يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك تارقىتىش مىقدارى پۈتۈن جەمئىيەتتە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %21ىنى ئىگىلەپ، دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتتى؛ شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن %90 تىن كۆپرەك ئىش ئورنىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەمىنلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنى زامانىۋى چارۋىچىلىققا ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش» قاتارلىق تەلەپلىرى بويىچە «يىلى» گۇرۇھى دۇنياۋى سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى سىستېمىلىق بەرپا قىلدى، 2016- يىلى شىلىنخوت شەھەرلىك بورداق قوي يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ ئالاھىدە قوچقار يېتىشتۈرۈش نىسبىتى 2014- يىلىدىكى %6تىن %10كە ئۆستى، «ساۋدۇ» شىركىتى گاچادا ئوت- چۆپ، يەم- خەشەك ۋە چارۋىچىلارغا كېرەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ساتىدىغان تاللا بازار ئاچقان بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بۇيان زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدىن 140نى ئاچتى. ھازىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئىچكى موڭغۇل سانائىتىدىكى 3- چوڭ تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلار بىلەن دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ چېتىلىش نىسبىتى %81كە يەتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، ئىچكى موڭغۇلدىكى قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017- يىل 6- ئاينىڭ 23- كۈنى شەنشى تەييۈەندە نامراتلىق ئېغىر رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خورچىن ئوتتۇرا خوشۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بەي يۈنخەي نامراتلىق ئېغىر رايونلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلدى. بەي يۈنخەي شۇ جايدىكى خېلى كۆپ ئاھالىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلىكىنى، نامرات ئائىلىلەرنى كەشتە تىكىش ۋە ياۋروپا ئالۇچىسى يېتىشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلىگەنلىكىنى تونۇشتۇرغاندا، باش شۇجى بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىپ، ئەھۋالنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى.

  − باش شۇجى مەندىن بىر قانچە رەت سۈرۈشتۈرگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە چېتىلىدۇ. مەن بۇنىڭدىن تولۇق ئىشەنچكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم، − دېدى بەي يۈنخەي.
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر