- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز دالاينىڭ بوتسىۋاناغا قىلىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى
2017.08.15 14:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 14-ئاۋغۇست دالاينىڭ «كېسەل سەۋەبىدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بوتسىۋاناغا قىلىدىغان زىيارەت پىلانىنى بىكار قىلغانلىقى» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدۇق، جۇڭگو دالاينىڭ ھەرقانداق سالاھىيەت ۋە نامدا ھەرقانداق دۆلەتكە بېرىپ جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى.
«بۇ مەيدانىمىز قەتئىي». خۇا چۇنيىڭ شۇ كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا: جۇڭگونىڭ بوتسىۋانا بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق پائال، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر