باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاممىنىڭ غەمگۇزارىغا ئايلانغان مۇلازىمەت ئەترىتى

2017.08.15 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى، شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، شەھەرلىك ئارخىپ ئىدارىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 7-ئاينىڭ بېشىدىلا، ئۈچ ئەل خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ، مەھەللە كومىتېت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلار ئىچىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاۋانگارت ياشلاردىن بولۇپ 24 كىشىدىن تەركىب تاپقان «توقاي مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى (ئىتتىپاق ئەزالىرى) پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنىنى پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتى كۈنى قىلىپ بىكىتكەن ئىدى. بۇ ئەترەت تەشكىللەنگەن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئائىلىلەرگە كىرىپ ھال سوراش، ئەھۋال ئىگىلەش، يار–يۆلەكتە بولۇش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش، تۈرلۈك بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى تەشكىللەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىدىن ھال سوراش، قانۇن-تۈزۈم ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، كارخانا ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا ماددىي ۋە مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلدى. بۇ پىدائىيلار ئەترىتى ئاممىنىڭ غەمگۈلزارىغا ئايلانغانلىقتىن، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر