باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«سۇۋۇروف تۇيۇقسىز ھۇجۇمى»دىكى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى

2017.08.14 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاۋغۇست، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلىرى «سۇۋۇروف تۇيۇقسىز ھۇجۇمى» پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى بويىچە كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدە 1-بولغاندىن كېيىن، ئۆزئارا غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زۇيى فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاۋغۇست، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزگەن «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى-2017»نىڭ «سۇۋۇروف تۇيۇقسىز ھۇجۇمى» پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلى كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسى كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە جۇڭگو، رۇسىيە، ئىران، ۋېنىسۇئېلا تۆت دۆلەت قاتناشتى. نەق مەيداندىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىنىڭ شاھىت بولۇشى بىلەن، جۇڭگو كوماندىسى مەيدانغا چىقارغان ئۈچ ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى قالتىس ھەيدەش ماھارىتى ۋە راست ئوق بىلەن قارىغا تەگكۈزۈشتە تولۇق تەگكۈزۈشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن، «سۇۋۇروف تۇيۇقسىز ھۇجۇمى» كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىنىڭ 1-لىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ يۈرۈشلۈك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى بولدى.

  خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «سۇۋۇروف» رۇسىيە ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسسى سۇۋۇروفنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئاساسلىق مۇسابىقە تۈرلىرى پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسىنىڭ دالا ھەرىكەتچانلىقى ۋە نىشانغا توغرا ئېتىش ئىقتىدارىنى سىناشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەندەك، توسالغۇ كۆپ بولغان مۇسابىقە مەيدانىنى زەمبىرەك-ئوق ئاۋازلىرى بىر ئالغان، بارلىق توسالغۇلار ئەمەلىي جەڭ مۇھىتىغا تەقلىد قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا ئارىلىق ئۆلچىمى بەلگىلىنىلگەن شارائىتتا، پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىل گۇرۇپپىلىرى كۈچ ئۇلاش شەكلىدە تانكىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاكوپى، ئاپتوموبىل ئۆتۈش كۆۋرۈكى، ئېگىز-پەس يول، يانتۇلۇق، يارداڭلىق، سۇ مەيدانىدا نۆۋەت بويىچە زەمبىرەك، ئاپتومات، بىرونىۋىك بىلەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننى نىشان قىلغان قارىغا ئېلىش تۈرلىرىنى تاماملايدۇ. مۇسابىقىدە رۇسىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلى ۋە قوراللىرىنى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، قالغان دۆلەتلەر جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن جەڭ ئاپتوموبىلى ۋە قوراللارنى ئىشلەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر