باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بېيجىڭ-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى «10- ئاۋغۇست» پەۋقۇلئاددە زور يول قاتناش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكچى

مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتىن كېلىپ چىققان بۇ جىنايى ۋەقەگە چېتىشلىق قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈلمەكچى

2017.08.14 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- ئاۋغۇست ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش خادىمى ئېۋەتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قاتناشتۇرۇپ، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرىنىڭ بېيجىڭ-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا يۈز بەرگەن «10- ئاۋغۇست» پەۋقۇلئاددە زور يول قاتناش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەملىشىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرى تەركىبىدىكى تەپتىش قىلىپ تەكشۈرۈش مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى، بۇ ھادىسىگە چېتىشلىق بولغان ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتىن كېلىپ چىققان ۋەزىپە دائىرىسىدىكى بۇ خىل جىنايەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۇدىكەن.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى تەپتىش ئورگانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ھادىسە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن بولغان ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق بولغان، ھەمدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتىن كېلىپ چىققان ۋەزىپە دائىرىسىدىكى بۇ خىل جىنايەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، بۇنىڭدا جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ۋە دېلوغا چېتىشلىق بولغان خادىملارنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈكىۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر