خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيەلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان خېنەن ئەن شيۇ مەدەنىيەت كەسپىي چەكلىك شىركىتىدىكى رىزۋانگۈل سەمەت يىپ رەتلىمەكتە.(5-ئاۋغۇست سۈرەتكە تارتىلغان)
2016-يىلى خېنەن ئەن شيۇ مەدەنىيەت كەسپىي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى ھەمدە ئۇزاققىچە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلارغا يۈزلىنىپۋە كەشتىچى قىزلارنى جەلپ قىلىپ، خېنەن كەشتىچىلىكى بويىچە تەربىيەلىدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى كەنتلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇر كەشتىچى قىزلار بارلىققا كەلدى. رىزۋانگۈل سەمەت ئىلگىرىكى قازان بېشىدىن بېرى كېلەلمەيدىغان كۈنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى كەشتىچىلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.«خېنەندىن كەلگەن ئۇستاملارنىڭ كەشتىچىلىك ھۆنىرى تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى».قىزلار يۇرتىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ، تۇرمۇشىنى خۇددى كەشتىگە ئوخشاش رەڭدارلاشتۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى