باش شۇجى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆلكە باشلىقى-مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى نى-نى ئىشلار ئىشلەنگەن بەش يىلدۇر. بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دېپلوماتىيەسىنى قەتئي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېنچ خەلقئارا مۇھىت بىلەن ياخشى ئەتىراپ مۇھىتى بەرپا قىلدۇق.
دېپلوماتىيە خىزمىتى پارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تېنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىچكى-تاشقى ئىككى ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن تېنچلىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش كۆزلەپ، تېنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىياتى جەھەتتىكى مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشقا كۈچەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دېپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتۇق.
جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دېپلوماتىيەسى.
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، بېيجىڭدا مەركەز دېپلوماتىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، دېپلوماتىيە خىزمىتى ئىدىيەسىنى موللاشتۇردۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ دېپلوماتىيە خىزمىتى روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلوب، جۇڭگوچە سۈپەتكە ئىگە بولدى.
جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دېپلوماتىيەسى نۆللۈك ئېلىشىش، زومىگەرلىك سىياسىينى ئاساس قىلغان غەرب ئەنئەنىۋى خەلق مۇناسىۋەت نەزەرىيەسىدىن ھالقىپ ئۆتتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو دېپلوماتىيەسى دەۋر تەرەققىياتى بىلەن ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇساپىسىدە ئەخلاق ۋە مەنىۋىيەت ئېگىزلىكىگە چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دېپلوماتىيەسىگە ئالغا ئىگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسۈتۈپ بەردى. بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ھەم ئۇنىڭغا چوڭقۇر مەنالىق دۇنياۋى ئەھمىيەت ئاتا قىلدۇق؛ دۆلىتىمىزنىڭ تېنچ تەرەققىي قىلىش ئىستىراتېگىيە تەسەۋۋۇرىنى بېيىتتۇق ھەم راۋاجلاندۇردۇق؛ ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلق مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدۇق؛ ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدۇق؛ خەلقئارا ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورى قۇردۇق؛ توغرا ئەخلاق-مەنپەئەت قارىشىنى ئەۋجى ئالدۇردۇق؛ ئادىل، ئوچۇق، ئومۇميۈزلۈك، ئىجادكار بولۇشتەك تەرەققىيات قارىشى، ئورتاقلىق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك قارىشى، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھىرلىنىشتەك خەلقئارا ئىدارە قىلىش قارىشى شۇنىڭدەك بارابەرلىكنى ئاساس، ئېچىۋېتىشنى يۆنىلىش، ھەمكارلىشىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھەمبەھىرلىنىشنى نىشا قىلغان خەلقئارا ئىقتىسادىي باشقۇرۇش قارىشى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى