خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئاۋغۇست باشلىنىش مۇراسىمىدا، خوتەنلىك بالىلار بىلەن بېيجىڭلىق بالىلار جۈپ بولۇپ، ئۆز-ئارا قول تۇتۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇردى. شۇ كۈنى، «بەختكە يۈزلىنىش، بېيجىڭ-خوتەن ئائىلىلىرى بىر تۇغقان» پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭ شەھەرلىك ئانا-بالىلار ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئانا-بالىلار ۋەكىللىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئائىلە ۋەكىللىرى بولۇپ 150 نەچچە كىشى كۆڭۈللۈك بىر يەرگە جەم بولدى. پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى 14- ئاۋغۇستتىن 21- ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ.
2014-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى «بېيجىڭ ۋە خوتەن ئاياللىرى قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە گۈزەل يېڭى تۇرمۇش بەرپا قىلايلى»نى مەقسەت قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. بېيجىڭ ۋە خوتەنلىك ئانا-بالىلار پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى جەريانىدا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئېكسكۇرسىيە قىلىش داۋامىدا ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، مىللەتلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى