1985-يىلى 16-نويابىر، بىر قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە بىر يىراق ئوكيان ماي-سۇ ئۇنىۋېرسال تەمىنات پاراخوتىدىن تەركىپ تاپقان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوت ئەترىتى شاڭخەي ۋۇسۇڭ پىرىستانىدىن ئايرىلىپ، تەكلىپكە بىنائەن پاكىستان، سىرى لانكا ۋە بېنگال دۆلەتلىرىدە دوستانە زىيارەتتە بولدى.
ئالاھىدە تارىخىي سەۋەب تۈپەيلىدىن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇپ تاكى 36 يىلغىچە، تۇنجى قېتىم ھەربىي پاراخوتنىڭ چەت ئەلگە زىيارەتكە ئەۋەتىلىشى.
1985-يىلى 11-ئايدىن 1986-يىلى 1-ئايغىچە، خېفېي ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە فېڭساڭ ناملىق ئۇنىۋېرسال تەمىنات پاراخوتىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە ئارىلاش قىسىم بىرلەشمىسى «دېڭىز ئارمىيەسى دوستانە زىيارەت ئەترىتى» دېگەن نام بىلەن، دېڭىز ئارمىيەسى شەرقىي دېڭىز فىلوتىنىڭ قۇماندانى نېي كۈيجۈنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پاكىستان، سىرى لانكا ۋە بېنگال قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتتىكى رەسمىي دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى