باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ

2017.08.03 13:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» يولغا قويۇلدى، بۇ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالتىدىن سەككىزگىچە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالاھىدە كەسىپلەر توپىنىڭ بەرپا قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بۆلۈنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:، 2020-يىلىغىچە، «مەكتەپ باشقۇرۇش نىشانى ئېنىق، كەسىپ بىلەن ئوقۇتۇش چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، كەسىپ ئالاھىدىلىكى روشەن، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسى يۇقىرى» بولغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپتىن ئالتىدىن سەككىزگىچە قۇرۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىدىن ئۈچكىچە مەكتەپنى مەملىكەت بويىچە «سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ» قاتارىغا كىرگۈزىمىز، بىر قانچە يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپ بەرپا قىلىمىز.

  لايىھە يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئاپتونوم رايون ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئاساسەن مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تەكشۈرىدۇ. بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون تۈرنى باھالايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، ئاپتونوم رايون بىرلەشمە قاراپ چىقىش ئاساسىدا، ئاندىن تۈر تۇرغۇزۇلۇپ قۇرۇلىدىغان مەكتەپ بېكىتىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايون تۈر تۇرغۇزۇلۇپ قۇرۇلىدىغان مەكتەپ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر